57 دۆلەت ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن سۈرىيىنى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2013.01.14
شۋېتسارىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان بۇ تەلەپنامىدە، سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياتىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلۇشى ۋە مەزكۇر سوت تەرىپىدىن سۈرىيىدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەلەپنامىگە ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تىنچ ئوكيان ۋە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىمزا قويغان؛ خىتاي بىلەن رۇسىيە مەزكۇر تەلەپنامىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قويغان.
رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەلەپنامە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان بولسىمۇ، تېخى مۇزاكىرە باسقۇچىغا كەلمىگەن. شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان كاشىلا پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئادالەت ئۈچۈن توۋلانغان بۇ چاقىرىققا قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان.