سۈرىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ياۋروپا ئايرودروملىرىغا قونۇشى چەكلەندى

بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى قارار ماقۇللاپ، سۈرىيىگە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ئېمبارگونى يەنە بىر بالداق كۈچلەندۈردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-07-23
Share

يېڭى قارار بويىچە، سۈرىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بولغان ئايروپىلانلارنىڭ ياۋروپا ئايرودروملىرىغا قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ پەقەت ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى يېڭى ئېمبارگو قارارىدا يەنە، سۈرىيىدىكى 30 ئەمەلدارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مال-بىساتىنى توڭلىتىش تەشەببۇس قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نۆۋەتتە سۈرىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېمبارگونى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، سۈرىيىدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاش، قوللىغاندىمۇ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك قوللاشنى قارارلاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت