يېڭى قارار بويىچە، سۈرىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بولغان ئايروپىلانلارنىڭ ياۋروپا ئايرودروملىرىغا قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ پەقەت ياۋروپا ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى يېڭى ئېمبارگو قارارىدا يەنە، سۈرىيىدىكى 30 ئەمەلدارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مال-بىساتىنى توڭلىتىش تەشەببۇس قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نۆۋەتتە سۈرىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېمبارگونى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، سۈرىيىدىن قاچقان پاناھلانغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاش، قوللىغاندىمۇ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك قوللاشنى قارارلاشتۇرغان.