ب د ت كېلەر پەيشەنبە كۈنى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

سۈرىيىدە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلار ۋە نامايىشچىلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىرلەشسىكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلەر پەيشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى قارار قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.13

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يىغىن ئاساسلىقى سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان بىھۇدە قان تۆكۈلۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي، ۋە ب د ت نىڭ ئىنسانىي ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋالەرىئې ئاموس قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىكەن.

سۈرىيىنىڭ ھاما شەھىرىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن يۈز بېگەن چوڭ نامايىشتا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ 20 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ غەرب دۇنياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيىگە ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «تارىخنىڭ توغرا تەرىپى» دە تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.