سۈرىيە باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ئىسيانچىلار سېپىغا قوشۇلدى

سۈرىيە باش مىنىستىرى رىياد ھىجابنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈرىيىنىڭ مەزكۇر باش مىنىستىرى باشار ئەسئەد ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ئىنقىلاب سېپىگە قوشۇلغان.

رىياد ھىجاب بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال پرېزىدېنت باشار ئەسئەد تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى. رىياد ھىجاب سۈرىيىدە قوزغىلاڭ باشلانغان 2011-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، پرېزىدېنت باشار ئەسەدتىن يۈز ئۆرۈپ ئىنقىلابچىلار تەرەپكە ئۆتكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى. كۆزەتكۈچىلەر، رىياد ھىجابنىڭ يۈز ئۆرۈشى باشار ئەسئەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىن پارچىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

بىراق، سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھىجابنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رىياد ھىجاپ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئىئوردانىيىگە قېچىپ بارغان. ئۇنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەت ئەلئەترى، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا رىياد ھىجابنىڭ بىخەتەر بىر جايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رىياد ھىجاپ، مۇھەممەت ئەلئەترى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ: بۈگۈن مەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلغان قورالسىز خەلققە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە شەپقەتسىز قەتلىئام ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر پەيتتە، تېررورچى، قاتىل ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ، مۇقەددەس ئىنقىلاب سېپىگە قوشۇلغانلىقىمنى جاكارلايمەن، دېگەن.

يەنە بەزى تولۇقسىز مەلۇماتلاردا ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى كابېنىت مىنىستىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى، مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەت جالىلاتىنىڭمۇ قاچماقچى بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانمىغان. سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى جالىلاتىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھازىرمۇ ۋەزىپە ئاتقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.