سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى يەنە داۋاملاشماقتا

جۈمە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھاما، دەررا ۋە ھومس شەھەرلىرىدە نامايىشچىلارغا ئەرەب كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئوق چىقارغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.31

سۈرىيىلىك پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ئاز دېگەندە 35 نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان. ھۆكۈمەت قىسىملىرى نامايىشچىلارغا راست ئوق، مىخ بومبا ۋە ياش ئاقتۇرۇش بومبىلىرىنى ئاتقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل مارتتىن بۇيان سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئەسەدكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلاردا 5 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن. ئەمما، ھۆكۈمەت دارىلىرى نامايىشنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا 2 مىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇشنى توختىمىغاندىن كېيىن، «ئەرەبلەر ئىتتىپاقى» سۈرىيىگە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى 15 مىڭغا يېقىن نامايىشچى دوما شەھىرىدىكى ئەرەب كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ جىم ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق نارازىلىق ئىپادىلىگەن.

پائالىيەتچىلەر ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ نامايىشلارغا راست ئوق ۋە مىخ بومبىلارنى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆزەتكۈچىلەر نامايىشچىلار توپلانغان مەيدان ئالدىدىكى بىنادا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.