سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئىككى مىليون سۈرىيىلىك ئاچ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق پىلانى ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيىلىك ئاچ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.08

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە سۈرىيىدە ھەر ئايدا تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئاھالىگە ئاچارچىلىق ياردەم ئاشلىقى بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سۈرىيىدە ئاشلىق ياردىمىگە ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئاھالە 2 مىليون 500 كىشى ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن، قوشنا دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ كۆچكەن سۈرىيىلىكلەر بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدىلا سۈرىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار سانى 100مىڭغا يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.