سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان «ساھابە» قوراللىق كۈچلىرى پەيشەنبە كۈنى ترېمسې بازىرىنى تانكا، توپ ۋە تىكئۇچارلار ئارقىلىق بومباردىمان قىلىپ، ئارقىدىن بازاردىكى ئاھالىلەرنى كەڭ كۆلەملىك قەتلىئامغا تۇتقان. ئۆكتىچىلەرنىڭ «خاما ئىنقىلابىي رەھبەرلىك كېڭىشى» ناملىق يەرلىك ئورگىنى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، قەتلىئامدا 220 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى ئالاھىدە ۋەكىلى كوفى ئاننان جۈمە كۈنى ترېمسېدا يۈز بەرگەن قەتلىئامغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ۋەقەدىن «قاتتىق چۆچۈگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئېغىر قوراللارنى ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ماددىلىق تىنچلىق پىلانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن سۈرىيە ھەققىدىكى ئىككى لايىھىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. 1-لايىھىنى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، باشىر ئەسەدكە 10 كۈنلۈك مۇددەت بېرىش، مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە زوراۋانلىقنى توختاتمىسا، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ7 - ماددىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. 7-ماددا ھەربىي ئېمبارگونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2- لايىھە رۇسىيىنىڭ بولۇپ، بىراق رۇسىيە ب د ت نىڭ كۆزەتكۈچىلىك ۋەزىپىسىنى يەنە 3 ئاي ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيىنىڭ لايىھىسىدە 7- ماددا تىلغا ئېلىنمىغان. رۇسىيە ئەنگلىيىنىڭ لايىھىسىگە قارشى چىقىپ، ئۇنىڭغا رەت ئاۋازى بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.