ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بەشەر ئەسادنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسادنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ باياننامىسىدە، سۈرىيە خەلقىنىڭ پۇقرالارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى، سۈرىيىلىكلەرنىڭ ئارزۇلىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بەشەر ئەسادنىڭ ۋەزىپىسىدىن دەرھال چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا شۇنداقلا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى توڭلاتتى ۋە سۈرىيىگە قىلىنىدىغان ئېكسپورت، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى چەكلىدى. ئامېرىكا، بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى يالغۇز قويۇپ، ئەسادنى ئىستىپاغا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوبامانىڭ ئەسادقا قىلغان ئىستېپا چاقىرىدىن ئاز ئۆتمەيلا، ياۋروپا بىرلىكىمۇ ئوخشاش بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى. گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىپ، ئەسادنى دەرھال تەختتىن چۈشۈشكە چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ يىل 3- ئايدىن باشلانغان خەلق ھەرىكەتلىرىدە كەم دېگەندە 2000 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما سۈرىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقتىن بۇ رەقەمنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.