خىتاي سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىدىن ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇمنى توختىتىشقا چاقىرىپ، سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسەدنىڭ چاقىرىقىغا جور بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش توغرىسىدىكى 3 قېتىملىق قارار لايىھىسىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن. خىتاي بۇ قېتىم خەلقئارا جامائەتچىلىك باشار ئەسەدنىڭ ب د ت تىنچلىق ۋەكىلى كوفى ئاننان ئوتتۇرىغا قويغان 6 نۇقتىلىق ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بىر مەزگىلدە، سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان.

باشار ئەسەد ئۆتكەن جۈمە كۈنى كوفى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنى يەنە ئەسكەرتىپ: بىز سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، دىئالوگ باشلاش ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىشنىڭ شەرت شارائىتىنى ھازىرلاشقا چاقىرىمىز، دېگەن.

سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرى كوفى ئانناننىڭ 6 نۇقتىلىق پىلانىنى ئېھتىيات بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار باشار ئەسەدنىڭ تىنچلىق پىلانىنى پەقەت ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

گەرچە باشار ئەسەد، ئانناننىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئارىدىن 4‏-5 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمى ھازىرغا قەدەر توختىمىغان.