تۈركىيە ب د ت غا سۈرىيە زېمىنى ئىچىدە مۇساپىرلار رايونى قۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى
2012.08.29
تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيىگە ئېقىپ كىرگەن سۈرىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. داۋۇتئوغلۇ چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ: بىز ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنى سۈرىيە زېمىنى ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇساپىرلارغا سۈرىيە ئىچىدە لاگېر قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن. داۋۇتئوغلۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە ب د ت نىڭ ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋالېرېي ئاموس بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكەن.
ب د ت نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر سۈرىيىدىكى ئۇرۇش داۋاملىق ئېغىرلاشسا، تۈركىيىگە ئېقىپ كىرىدىغان مۇساپىرلار داۋاملىق كۆپىيىپ، 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. داۋۇتئوغلۇ، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك مۇساپىرلار ئېقىمىغا دۇچ كەلگەندە، ھېچقانداق بىر دۆلەتتىكى ئىچكى توقۇنۇش ئۇنىڭ ئىچكى ئىشى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەتەرلىك خەلقئارا مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى تۈركىيىدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە -گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە خاتالاشقانلىقىنى، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاپ، تۈركىيىنى پاتقاققا پاتتۇرۇپ قويغانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان.
لېكىن، داۋۇتئوغلۇ بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. تۈركىيە، سۈرىيە زېمىنى ئىچىدە بىتەرەپ رايون قۇرۇپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنى باشىر ئەسەدكە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش پىكرىگە ئىزچىل مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.