خىتايدا ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكىدا زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا مېلامىن بايقالغاندىن كىيىن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە ياكى سۈت تەركىبلىك ھەر قانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان ئىدى.
ھازىرغىچە خىتايدا مېلامىندىن زەھەرلىنىپ 4 بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەمدە 53 مىڭ بالىنىڭ كېسەل بولغانلىقى مەلۇم.
شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زەھەرلىك سۈت پاراشوكىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جەمئىي 36 نەپەر گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، سۈتچى دېھقان جاڭ يۈجۈن دېلوسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، جاڭ يۈجۈن ھازىرغا كەلگۈچە 600 توننا مېلامىن قوشۇلغان ئاقسىل پاراشوكى ئىشلەپچىقارغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ يەنە، شەندۇڭ ۋە خېبېي ئۆلكىلىرىدە مېلامىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان.