تاجىكىستاندا بىر يىل ئىچىدە 13 ئادەمنىڭ مىناغا دەسسەپ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشى كېلىپ چىققان

تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرا جايلىرىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 13 ئادەم پىيادە ئەسكەرلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆمۈپ قويۇلغان مىنالارغا دەسسەپ، ئۇلارنىڭ 9 نەپىرى يارىلانغان، 4 نەپىرى ئۆلگەن.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ تاجىكىستاندىن تارقىتىلىدىغان ئاسىيا پىلۇس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 1992 - يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە 351 تاجىكىستان پۇقراسى ئەنە شۇ خىلدىكى مىنالاردا پارتلاپ ئۆلگەن، 443 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، تاجىكىستاندا مەخسۇس مىنا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر مەركەز قۇرۇلۇپ، كەڭ كۆلەمدە مىنا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، 2008 - يىلى بەش مىڭ دانە مىنا 66 كاسېتىلىق بومبا ۋە تۆت مىڭ پاي ئوق تازىلىنىپ، بىخەتەرلەشتۈرۈلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئەرباپلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىچە، بۇ قالدۇق مىنالار ۋە بومبىلار رايوننىڭ ھەربىي - سىياسىي مۇناسىۋەت تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېت ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، تاكى يېقىنغىچە ئافغانىستان - تاجىكىستان چېگرىسىدا رۇسىيە ئارمىيىسى تۇرغان ھەمدە بۇ جەرياندا دائىم چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ئارمىيىسى ھەتتا قارشى تەرەپ كۆپ جايلارنى مىنالىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 90 - يىللاردا تاجىكىستاندىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدىمۇ ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى كۆپ جايلارغا مىنا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى پارتلىمىغان ۋە تازىلانمىغان مىنالار تىنچ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.