خەيۋۇد ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا چوڭچىدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇيۇقسىز ئۆلگەن. ساقچى تەرەپ ئىلگىرى ئۇنىڭغا «ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېتىپ ئۆلگەن» دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى دەرھال كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىدى. بىراق يېقىندا بۆ شىلەي ھوقۇقىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى چۇڭچىڭ ساقچى دائىرىلىرى چۈشەندۈرگەندەك ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. بېزىلەر ئۇنىڭ بىلەن بۆ شىلەينىڭ ئايالى ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن «تايمىز» گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بىر ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى خەيۋۇدنىڭ ئۆلۈمى يېقىندا ئاغدۇرۇلغان چۇڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى بۆ شىلەي بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن بۇ 2-ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىشتىن سەل بۇرۇن، ئەنگلىيىنىڭ چوڭچىدىكى كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خەيۋۇدنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى بۆ شىلەي بىلەن ۋاڭ لىجۈننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.