مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىچكى موڭغۇلغا جايلاشقان چىڭخۇا گۇرۇھى مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2011 - يىلى باشلىنىدىكەن.
بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گازلار " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلۇشى ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن. پىلان بويىچە زاۋۇتتا بىرىنچى قەدەمدە 1 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. زاۋۇتقا ئىلى ۋادىسىدىكى كۆمۈرلەر ئىشلىتىلىدىكەن.
مەزكۇر زاۋۇتنىڭ يەرلىكلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.