خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شەنبە كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللىدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شەنبە كۈنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللىدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان چارىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-29
Share

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى ئىلى شاۋۋېي، مەزكۇر قانۇننىڭ «تېررورچىلىق» قا ئىزاھات بەرگەنلىكى، قانۇندا يەنە خىتاي تېررورلۇققا قارشى قىسىملىرىنىڭ قانداق چاغدا ھەرىكەت قوللىنىشىمۇ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇندا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، ھەمدە ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قىستايدىغان ماددىلارمۇ بار ئىكەن.

قانۇندا، جامائەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشى ئۇرۇنۇش ياكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىشى ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى  ئىشلىتىپ زورلۇق كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت