مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى ئىلى شاۋۋېي، مەزكۇر قانۇننىڭ «تېررورچىلىق» قا ئىزاھات بەرگەنلىكى، قانۇندا يەنە خىتاي تېررورلۇققا قارشى قىسىملىرىنىڭ قانداق چاغدا ھەرىكەت قوللىنىشىمۇ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇندا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، ھەمدە ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قىستايدىغان ماددىلارمۇ بار ئىكەن.
قانۇندا، جامائەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشى ئۇرۇنۇش ياكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىشى ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ زورلۇق كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.