خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قىسمى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى» ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.08.05

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ» نىڭ مۇقىملىقى جۇڭگونىڭ ئومۇمى بىخەتەرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە ئاشكارىلىشىچە، مىڭ جيەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەلىرى» دىن كېيىن، يۇقىرىقى ئىككى رايوندىكى ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتكەن ئىدى.

خىتاي قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» نى پىلانلىغان ئاتالمىش «تېررورچىلار» رەھبىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ بىر يەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خەنزۇلارنى يۆلەپ، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن چەتكە قېقىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتكە قارشى نارازىلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مىڭ جيەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەيدىغان قىسىملارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ قايسى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.