تەيۋەن ئەتىدىن باشلاپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ئەتىدىن باشلاپ جۈمە كۈنىگىچە، مۇساپىسى 2 مىڭ كىلومېتىرلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.02

بۇ، تەيۋەننىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىكى نىشانلارغا ئاتقىلى بولىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي تېخى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر تەيۋەننىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۆزىنىڭ مۇشۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن 150 نى، بۇرۇن ھەربىي پاراخوتلىرىغا جايلاشتۇرۇپ بولغان 240 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.