تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى تارىخىي كېلىشىم ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلماقتا

4-سېنتەبىر كۈنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان تەيۋەن دۆلەت بىرلەشمىسى تەيبېي شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 1951-يىلىدىكى «سانفرانسىسكو كېلىشىمى» نىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن «تەيۋەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگىمۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگىمۇ تەۋە ئەمەس» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ھىمايە قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى مەزكۇر كېلىشىمگە تايىنىپ، تەيۋەن ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بىراق، تەيۋەندىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بۇ قارىشىنى رەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ 1943-يىلىدىكى«قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە 1945-يىلىدىكى«پوتسىدام باياننامىسى»دە ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگوغا تەۋە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

«سانفرانسىسكو كېلىشىمى» 1951-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا 48 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. كېلىشىم بويىچە ياپونىيە تەيۋەن، پېڭخۇ ۋە باشقا ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئەمما مەزكۇر شەرتنامىدە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى كۆرسىتىلمىگەن ھەمدە تەيۋەننىڭ ئورنى بېكىتىلمىگەن ئىدى.

مۇستەقىلچى دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيىسىمۇ «سانفرانسىسكو كېلىشىمى»نى خاتىرىلىگەن قوللىغان بولۇپ، ئۇلار تەيۋەن جۇڭخۇا مىنگوغىمۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگىمۇ تەۋە ئەمەس، تەيۋەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ، دېگەن ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرماقتا.