تەيۋەن خىتايغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ يېڭى قوراللىرىنى سىناق قىلدى

تەيۋەن بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالغان ئەھۋالدا، قوللىنىدىغان يېڭى قوراللىرىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىردا، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ئىلغار تىپتىكى تىكئۇچارلار ۋە ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار سىناق قىلىنغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن مەزكۇر مانېۋىر ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەندە، مانېۋىردا سىناق قىلىنغان يېڭى قوراللارنىڭ تىپ ۋە تۈرلىرى ھەققىدە كونكرېت توختالمىغان.

تەيبېيدە چىقىدىغان ئەركىنلىك گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، تەيۋەن بۇ قېتىم ئامېرىكىدىن كېلەر يىلى سېتىۋېلىنىدىغان قوراللارنى تەقلىدى سىناق قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن كېلەر يىلى ئامېرىكىدىن 6 دانەApache AH-64D تىپلىق تىكئۇچار ۋە 6 دانە P-3C تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋالماقچى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە مەزكۇر قوراللىرىنى سېتىپ بېرىش پىلانى 2007-يىلى ئوتتۇرىغا چۈشكەن، 2008-يىلى ۋاشىنگتون تەيۋەنگە 6 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە.