تەيۋەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى سىناش ئۈچۈن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تەيۋەن ئارمىيىسى پەيشەنبە كۈنى ئارالنىڭ جەنۇبىدا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. تەيۋەن بۇ ئارقىلىق خىتايدىن كېلىدىغان بولغۇسى بىر ھۇجۇمغا قارشى تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى سىنىغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.11.17

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىردا خۇددى دۈشمەن ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرگەندەك بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، مانېۋىرغا تەيۋەننىڭ دېڭىز، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان.

ئەسلىدە تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ف-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن 4 قېتىملىق ئۇچۇش سىنىقى قىلىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغانلىقتىن پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىدە ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى تەختكە ئولتۇرغاندىن بېرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

ئەمما، خىتاينىڭ داۋاملىق ھالدا تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى تەيۋەندە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

تەيۋەنلىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىپ توغرىلاپ قويغان 1600 دانىدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە يېڭىدىن ياساپ چىققان نىشانغا دەل تېگىش ئىقتىدارىغا ئىگە راكېتالىرىنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىدۇ.

دەل مۇشۇ سەۋەبلىك، ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەن دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر تېخنىكا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئەڭ ئىلغار رادار سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.