تەيۋەنگە قانۇنسىز كىرگەن بىر خىتاي پۇقراسى ئۆزىنىڭ دېموكراتىيىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

بۈگۈن تەيۋەن چېگرا ساقچىلىرى تەيۋەنگە قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنغان گو فامىلىلىك بىر خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالدى. بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن گو جىيوڭ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە دېموكراتىيىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.12.08

ب ب سنىڭ ئېيتىشىچە، گو فامىلىلىك بۇ كىشى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، شيامىنغا كەلگەن. ئارقىدىن سۇ يولى ئارقىلىق 7 سائەت سەرپ قىلىپ جىڭ مىنغا كەلگەندە تەيۋەن چېگرا چارىلاش ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن.

مۇخبىرلار ئۇنىڭ تەيۋەنگە كېلىش سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ تەيۋەندە كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ئۇ مۇخبىرلارغا «تەيۋەن بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى بىر دۆلەت تۇرسا، سىلەر نېمىشقا مېنى چېگرىدىن قانۇنسىز كىردى، دەپ قولغا ئالىسىلەر؟» دېگەن ۋە كويزا سېلىنغان قولىنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ «بۇنى قانداقمۇ دېموكراتىيە دېگىلى بولسۇن» دەپ غوۋغا قىلغان.

1949-يىلى، جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى تەيۋەننى بازا قىلىپ ياتقاندىن بۇيان ئايرىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى تەرىقىسىدە كۆرمەكتە.

تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سەي يىڭۋېن ئۇنىڭ كۈچلۈك رەقىبى ئىكەن. ما يىڭجۇ سايلام پائالىيەتلىرىدە قىلغان سۆزىنىڭ بىرىدە، تەيۋەننىڭ دېموكراتىيىسى ئاستا-ئاستا خىتايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.