فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا 1000غا يېقىن ئادەم قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر نامايىشنى تەيۋەن خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىش تەيۋەننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە پىيادە يۈرۈش قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ما يىڭجۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتايغا قارىتا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزگەن ۋە خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
نەتىجىدە خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا "ئىقتىسادى ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى كېلىشىمى" تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمگە كېلەر يىلى ئىمزا قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى چېن چېنزى خانىم، تەيۋەن -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەر قانداق سىياسەتنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ رايىنى سىناش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەيۋەن خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى تەشكىلاتى، مەزكۇر كېلىشىم مەزمۇنلىرىنىڭ جامائەتتىن خۇپىيانە تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇڭا مەزكۇر تەشكىلات كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى، كېلىشىم مەزمۇنلىرىنى تەيۋەن خەلقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە ئومۇمى خەلق رايى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ 50 كۈنلۈك پىيادە يۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.