خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا 4-ئىيۇن خاتىرىلەندى

4-ئىيۇن كۈنى ئاخشىمى خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە مەيدانىدا بىر قانچە ئون مىڭ كىشى توپلىنىپ، شام يېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى ھەمدە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.06.05

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرمۇ قاتناشقان.

4-ئىيۇن كۈنى ئاخشىمى يەنە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىمۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مۇنداق خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيداندىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

خاتىرىلەش ئاساسلىقى شام يېقىش ئارقىلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش تۈسى ئالغان.

4-ئىيۇن كۈنى كەچتە يەنە ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجېلس شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 4-ئىيۇننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، 4-ئىيۇندىكى باستۇرۇشنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇمۇ خىتايغا ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.