جۈمە كۈنى يەنە ئىككى تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەننىڭ تىبەت رايونىدا جۈمە كۈنى يەنە ئىككى تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ئۆلگەن بولۇپ، يەنە بىرىنى خىتاي ساقچىلىرى ئېلىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.31

لوندونغا جايلاشقان «ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى» ۋە دارامسالادىكى تىبەت راھىبلىرى بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ راھىبلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى تەنپا دارجەي، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى چىمەي پالدەن بولۇپ، ئۇلار مائېركاڭ يەنى بارخام شەھىرىگە 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر ئىبادەتخانىدىن كەلگەن ئىكەن.

ئەگەر بۇ ئىككى تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويغانلىقى دەلىللەنسە، شۇ خىل ئۇسۇلدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 30 دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

چارشەنبە كۈنى بىر تىبەت راھىبى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدە خىتاي پرېزىدېنتىنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە ئۈلگۈرتۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ھىندىستاندىكى تىبەتلەر داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇ راھىبنى دەپىنە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.