خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى دائىرىلەرنىڭ بەنچەن لاما زىيارەت قىلىدىغان لابراڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىبادەتخانا ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ خادىمى ج خ ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە چەتئەللىكلەرنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى يوليورۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇنىڭدىن بۇرۇن بارغان چەتئەللىكلەرنىڭ دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
تىبەتلەرنىڭ 2-دىنىي داھىيسى 10-بەنچەن لاما 1989-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى خىتاي بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان ئىدى.
دالاي لاما 1995-يىلى گېدۇن چوكيى نيىمانى 10-بەنچەننىڭ ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما تاللىغان بەنچەننى رەت قىلىپ، ئۆزى تاللىۋالغان بىر ئۆسمۈرنى 10-بەنچەننىڭ ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان ۋە دالاي لاما تاللىغان بەنچەننى نەزەربەند قىلغان ئىدى.
رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان تىبەتلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت يەرلىك تىبەت ئاھالىسىدىن بەنچەن لامانى قىزغىن كۈتۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇلار بەنچەن لاما بىر تىبەت بولۇش سۈپىتىدە كەلسە ئۇنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى، بىراق بەنچەن لامالىق سالاھىيىتى بىلەن كەلسە، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.