نېپالدا بىر تىبەت راھىبى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە تۆت قويدى
2013.02.13
ۋەقە شاھىتىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر تىبەت راھىبى رېستوراندىكى بىر تۇڭ بېنزىنى ئۆزىگە چېچىپ، تالاغا يۈگۈرگەن ۋە كاتماندۇدىكى ئەڭ چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى - «بۇتخانا ستۇپا» نىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزرىگە ئوت قويغان.
ۋەقە شاھىتى بولغان رېستوران كۈتكۈچىسى - پھۇرساڭ تاماڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولغۇچە، راھىب ئوت شارىغا ئايلىنىپ بولغان ئىكەن.
ئوت ئۆچۈرۈلۈپ تىبەت راھىبى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئەمما نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا ئىكەن.
2009 - يىلىدىن بۇيان جەمئىي 100 تىبەتلىك راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينى تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى تىبەت سىياسىتىگە قاراپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، تېخى يېقىندىلا بىر نەچچە تىبەتلىكنى «باشقىلارنى ئۆزىگە ئوت قويۇشقا كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن جازالىغان ئىدى.