تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقئارانى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
2012.08.28
دارامسالادىكى تىبەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى سېرىننىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابىي رايونىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان لابساڭ ۋە دامچوك ئىسىملىك بۇ ئىككى نەپەر تىبەت راھىبى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئابىي رايونىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، دۈشەنبە كۈنى كەچتە كىرتىي ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى خادىمىنى ئىبادەتخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. دائىرىلەر يەنە ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، ئابىي رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتى 2009-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى باياناتىدا، 2012-يىلى 27-ئاۋغۇستقا قەدەر 51 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سىچۈەننىڭ ئابىي رايونىدىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلەرنىڭلا 27 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.