فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلغان تىبەتلەر ب د ت ئەمەلدارى، تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋىي پىللاي، ئاچلىق ئېلان قىلغان تىبەتلەرگە خەت يېزىپ، «ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنى تىبەت ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بۇيرۇيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان 3 نەپەر تىبەتتىن بىر كىشى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ئىدى. لېكىن ناۋىي پىلاينىڭ مەكتۇپنى ب د ت ئالدىدا داۋاملىق ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىككى تىبەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
دورجى گيالپو، يېشى تەنزىن، شىنزا رىمپوچى قاتارلىق ئۈچ كىشى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تاماق يېيىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ب د ت تىبەتكە ۋەكىل ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى تىبەتتىكى «غەيرىي رەسمىي ھەربىي ھالەت قانۇنى»نى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.