ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاينى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى پالاتا ئەزالارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن تىبەت ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

مەزكۇر قارار لايىھىسى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسى ئومۇمى يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان. قارار لايىھىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تىبەتكە بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى خەۋەر قىلىشىغا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى قارار لايىھىسىنى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق قارار لايىھىسى ھېچقانداق بىر ئەزانىڭ رەت قىلىشقا ئۇچرىماي بىردەك ماقۇللانغان.

كېڭەش پالاتاسى قارار لايىھىسىدە، خىتاي 2008‏-يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «دىننى كونترول قىلىش بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» قا ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. قارار لايىھىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، تىنچ نامايىشچىلارنى قورقۇتۇش، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

قارار ليھىسىدە يەنە، خىتايدىن لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىشقا تېزرەك يول قويۇش تەلەپ قىلىنىپ، بېيجىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغۇچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا يېڭى كونسۇلخانا ئېچىشى تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مەزكۇر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن دايان فاينستايىن: كېڭەش پالاتاسى تىبەت خەلقىگە «سىز ئۆز مەدەنىيىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە دىنىي ئىبادىتىڭىزنى ئەركىن ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلسىڭىزلا بىز سىز بىلەن ھەمكارلىشىمىز» دېگەن ئېنىق سىگنالنى بېرىدۇ، دېگەن.