ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتكە ئەرەب قولتۇقى ئەللىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن مۇكاپات تەقدىم قىلغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ناتىئونال» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، تۆمۈر داۋامەتكە مۇكاپاتنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئۆمەر ئەل بىتار جۈمە كۈنى بېيجىڭدا تەقدىم قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۆمۈر داۋامەت خىتايدىكى خىتاي-ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۆمەر ئەل بىتار تومۇر داۋامەتنى «ئەرەبلەرنىڭ ئېسىل دوستى» ۋە ئەرەب مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرگۈچى دەپ تەرىپلىگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئەل بىتار خىتاي-ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىگە، خىتاينىڭ ئۇلارنى بىلىشىگە ۋە خىتاي يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي-ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، تەشكىلات رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا، قاتار، ئومان، بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيت قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى قاتناشقان.