جازالانغان تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سانى ھەققىدە پەرقلىق ئۇچۇرلار كەلمەكتە

خىتاينىڭ 5" - ئىيۇل " دىن كېيىنكى جازالاش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى بولغان. بۇ ئەھۋال، ئىنتېرنېتنىڭ 10 ئاي كېسىۋېتىلىشى ۋە يېقىندا غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق 4 نەپەر تور باشقۇرغۇچىسىنىڭ سوتلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەردىن مەلۇم بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، نەق جازالانغان تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا سىر ھالەتتە تۇرماقتا ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققان ۋە " 5 - ئىيۇل" ۋەقەسىگە چېتىلىپ 2 ئاي قاماقتا ياتقان بىر ئۇيغۇر ياش، بۈگۈن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، قاماقتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قاماقتىكى چېغىدا سەلكىن تورىنىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى بىلەن بىر كامىردا ياتقان، مەزكۇر باشقۇرغۇچى سەلكىن تورىنىڭ 100دىن ئارتۇق باشقۇرغۇچىسى بارلىقى ۋە بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەپ بەرگەن. مەزكۇر باشقۇرغۇچى يەنە ئۆزىنىڭ تور بەتتە شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە يېزىلغان "قېرىنداشلىرىمغا خەت" ناملىق ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنتېرنېت ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمەسلىكى، سابىق مەھبۇسنىڭ سەلكىن تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.