تۈركىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2011.06.12
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 54% بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم يەنە ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىدىغان پارتىيە بولۇشى جەزىملىشىپ قالغان. ئاق پارتىيە 2007-يىلى 47% ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى.
تەھلىلچىلەر خەلقنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم يەنە ئادالەت پارتىيىسىگە كۆپ ئاۋاز بېرىشىدىكى سەۋەبنى تەھلىل قىلغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، تايىپ ئەردوغاننىڭ 8 يىل رەھبەرلىكى جەريانىدا تۈركىيە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە ياخشىلىنىش بولغان ھەمدە بۇ ھۆكۈمەت يەنە بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان زور پىلانلارغا ئىگە بولغان.
كېيىنكى يىللاردا تۈركىيىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، 2011-يىلى مارت ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكى 14.4% تىن ئۈچ پىرسەنت ئازلاپ، 11.5% بولغان.
ئاق پارتىيە 2007-يىلى 47 % ئاۋازغا ئېرىشكەن.
رەجەپ تايىپ ئەردوغان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن دۆلەت رەھبىرى ئىدى.