تۇرپاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بىر سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىققان

تۇرپان شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بىر سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ماللىرى كۆيۈپ كەتكەن.

ئوت ئاپىتى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت ھازىرغىچە ئاپەتكە ئۇچرىغان تىجارەتچىلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تۆلەم ۋە باشقا جەھەتتىكى ياردەم ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق تەدبىر ئالمىغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پۈتكۈل بازار ئوت ئاپىتىدە تامامەن كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا كېچىكىپ كەلگەن.

گەرچە يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئورۇنلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئوت ئاپىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوتنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. دوكلاتتا پەقەت كۆزەتچىلەر بىخەستەلىك قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىنغان. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ ياخشى ئىشلىمەيدىغانلىقى، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.

بېزىلەر ئوتنىڭ قەستەن قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتنى ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، بازارنى تەنھا ئىگىلەش مەقسىتىدىكى كىشىلەر پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مەزكۇر بازارغا 2‏-قېتىم ئوت كېتىشىدۇر. بۇنىڭدىن 4 يىل ئاۋۋال مەزكۇر بازارغا بىر قېتىم ئوت كېتىپ، نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىققان ئىدى.