ۋەقەدە، 4 نەپەر ئەلقائىدىچى ئۆلدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ 11-ئايدا پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان بىر قاراۋۇللۇق پونكىتىنى بومبىلاپ 24 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋەقەدىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن پاكىستانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇم ئالتە ھەپتە توختىتىلىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانىنىڭ ئىشخانىسى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بايان قىلمىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە. پاكىستان گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، ئەمما سەمىمىيەتسىزلىك سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان يىرىكلىشىپ قالدى.
