ئۈرۈمچى تەرەققىيات رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەن پاسكىنا سۇ تېرىلغۇ يەر ۋە قوي قوتانلىرىنى بېسىپ كەتتى
2013.01.18
مەلۇم بولۇشىچە، شوربۇلاق قورغىنى سانائەت تەرەققىيات رايونى 2007-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما، بۇ سانائەت رايونىغا پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى بەرپا قىلىنمىغان. تەرەققىيات رايونىدىن ئېقىپ چىققان پاسكىنا سۇلار ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە شىركىتىنىڭ پاسكىنا سۇ كۆلچىكىگە قويۇپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل قىشتا كۆلچەكنىڭ سۇ مىقدارى زىيادە ئېشىپ كېتىپ، كۆلچەكتىن چىققان پاسكىنا سۇلار تۆۋەن تەرەپتىكى ئىككى يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى بېسىپ كەتكەن.
شوربۇلاق قورغىنى سانائەت رايونى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، سانائەت رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ يەردىن چىققان كېرەكسىز سۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى ئۈرۈمچى شەھرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.