5-ئىيۇلغا ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا مەسئۇل تۇرسۇن بەختىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى گۇمان قوزغىدى
2012.06.15
گەرچە ھېچقانداق پاكىت بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمان قىلغۇچىلار تۇرسۇن بەختىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، دەپ قارايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تاماكا، ھاراق ئىچمىسىمۇ ۋە ھېچقانداق كېسىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن 3 ھەپتە ئىلگىرى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ شۇ جايدا يىقىلىپ جان ئۈزگەن.
بۇ خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلاردىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلۈش سەۋەبى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك، دەپ گۇمان قوزغىغان 2-كىشى. ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ غەيرەت ئىسىملىك بىر كادىرىمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان. غەيرەتنىڭ 5-ئىيۇلدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا قىلغان بەزى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقتىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
تۇرسۇن بەختىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە 3 ھەپتىدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ۋە ئائىلىسى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ قالغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىپ باقمىغان. تۇرسۇن بەختى ئىلگىرى تەڭرى تاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلاتتى. «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ۋەقەدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى تىزىملاش ئىشلىرىغا قويۇلغان.