5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىدى

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 ‏يىللىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۆز تور بەتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، 2 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزگەندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن رويتېرس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىق، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق 11 ئاگېنتلىققا بىرلا ۋاقىتتا سىنئالغۇدا بايانات بېرىپ، 2 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىدى.

دىلشات رىشىت ئۆز باياناتىدا يەنە غەرب دۆلەتلىرى ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى 7-ئىيۇل، 3-سېنتەبىر كۈنلىرىدىكى خىتايلارنىڭ كالتەك كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرىدە خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەم ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغىچە ئىز ‏-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن، رايوندىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نامىدا، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كۆچمەن بولۇپ يەرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.