ۋاشىنگتوندا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا "دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم بارمۇ، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن سادالار " ماۋزۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.07.01

مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى سوفى رىچاردسون، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى مۇدىرى كلوسىلد لىكوز، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق تام لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دېموكراتلار ۋەكىللىرى مۇدىرى ھانس ھوگرىفى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئادۋوكاتلىق خىزمىتى دىرېكتورى كارا ئابرامسون خانىم قاتارلىق مۇھىم شەخس ۋە ئورۇنلار قاتناشتى.

يىغىندا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى ۋە 7 - ئىيۇلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كۆرگەن ۋەقەلىرىنى بايان قىلدى.

گۇۋاھچى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن تەسىرلىك بولدى. ھەتتا بىر گۇۋاھچى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلىرى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇققان پاجىئەلەرنى بايان قىلىش جەريانىدا كۆز يېشىنى تۇتالمىدى. بۇ كىشىنىڭ بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىمۇ ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن تەييارلىغان نۇتقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. نۇتىقىنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات سۇندى.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى كارل گېرشمىن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى، ھەتتا مۇمكىن بولسا ياردەم بېرىش سوممىسىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 70- 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.