"شىنجاڭ ئىقتىسادى گېزىتى"نىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كامېرالار ئۈرۈمچىدىكى 3 مىڭ كوچا ئاپتوبۇسى، 200 ئاپتوبۇس بېكىتى، 4 مىڭ كوچا، چوڭ -كىچىك بولۇپ 100 دىن ئارتۇق سودا دۇكانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
"شىنجاڭ ئىقتىسادى گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە كامېرالارنىڭ "ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمان قىلىش، تىنچ ئاستانە بەرپا قىلىش ئۈچۈن" ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەدبىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلار كامىرالارنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە كوچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىگە 70 مىڭ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان 40 مىڭ كامېرانىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بايان قىلىنغان 70 مىڭ كامېرانىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى ياكى دائىرىلەرنىڭ 40 مىڭ كامېرانى يېتەرلىك دەپ قاراپ، 70 مىڭ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.