خىتاي، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغان ئىككى ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

خىتاي ئاخباراتلىرى شەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى گۇمان قىلىنغان ئىككى ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.30

شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن CZ 6939 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلانغا چىققان ئىككى نەپەر يولۇچى ئايروپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا تازىلىق قەغىزىنى كۆيدۈرۈپ، ئايروپىلانغا ئوت قويماقچى بولغان. بۇلارنىڭ بىرى ئەر يەنە بىرى ئايال ئىكەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە مەزكۇر دېلونىڭ تەكشۇرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھازىرچە نامەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلى مارتتا، بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئايروپىلاننىڭ لەنجۇ شەھىرىدە قوندۇرۇلۇپ ۋە ئۇيغۇر گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى خىتايدا ئىلگىرى بۇ ۋەقە ۋە ۋەقە گۇماندارى ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

شۇنداقلا، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى كۆزەتچىلەر ئارىسىدا گۇمان قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.