22 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدە 420 مىڭ پارچە نەشر بۇيۇمى كۆيدۈرۈلدى

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى 22 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنى كۆيدۈردى. "ئۈرۈمچى توردا" خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت كۆيدۈرۈلگەن نەشر بۇيۇملىرى 420 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىكەن. خەۋەردە بۇلارنىڭ ھەممىسى "قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە كىتاب، CD ۋە VCD پلاستىنكىلىرىمۇ بار ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى "شەھۋانىي ۋە ساختا بۇيۇملارغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى"نىڭ باشلىقى لى يى، شەھۋانىي بۇيۇملارغىلا ئەمەس بەلكى سىياسىي، دىنىي ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغىمۇ "يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق" زەربە بېرىپ، سايىسى ئۈنۈم يارىتىشنى تەكىتلىگەن.

يىغىنغا ئاپتونوم رايون مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت رىياسەتچىلىك قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تىزىملاش خىزمىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ نۆۋەت كۆيدۈرۈلگەن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بار - يوقلۇقى ھەمدە ئۇيغۇرچە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ھازىرچە نامەلۇم.