ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم جايلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.22
2009.09.22
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى كېلەر يىلىغا قەدەر، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىكەن.
خەۋەردە ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى 270 بولۇپ، بۇلارنىڭ باش ئاپپاراتى يەر ئاستى ئۆتۈشمىلىرىدىكى دىجۈرنىلىك ئۆيىدە بولىدىكەن. ئەگەر ئەھۋال كۆرۈلسە نۆۋەتچى خادىم دەرھال ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلىدىكەن.
شىنخۇئا ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپپاراتلار ئىتتىپاق يولى، نۇرلۇق يول ۋە شەرقىي قاراماي يولى قاتارلىق يوللاردىكى ئۆتۈشمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى ۋە بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ بېشىدىكى خىتاي پۇراقلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە يولغا قويغان ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدىمۇ، ئۈرۈمچىگە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى، مەزكۇر ئاپپاراتلارغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى جامائەتتىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.