خىتاي ئاخباراتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسمىدىكى«ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى چىقىرىۋېتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات تورى بېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسمىدىكى «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى قىسقارتىپ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» ۋە «شىنجاڭ» دەپ ئىشلەتكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.10

بۇ خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى خەۋەر توربېتى-«China.org.cn» تورنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى ئىنگلىزچە سانىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى خەۋەردە بېرىلگەن.

خەۋەردە لى چاڭچۈن ۋە جوۋ يوڭكاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ «... ئۇلار شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا ئىككى يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكىتىنى ماختىدى» دېيىلگەن.

خەۋەرنىڭ باشقا يېرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامى «شىنجاڭ» دەپلا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى نامىدىكى «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ قەستەن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ھالبۇكى، بۇ ئاتالغۇ مەسىلىنىڭ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.