خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە تۇنجى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ،جامائەت خەۋپسىزلىك، خەلق ئىشلىرى ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى بىرلىكتە، نوپۇس تەكشۈرۈش باھانىسىدە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەر ھەققىدە ئارخىپ تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى.

11-ئاپرېل كۈنى ئىلى ئوبلاستى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تۇنجى بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتە بۈگۈن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ ئېنىقلىشىدىن، ئىلى ئوبلاستىدىن چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ سانى 500 مىڭدىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى 200 مىڭدىن ئاشقانلىقى، ئىلى ئوبلاستى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇقتىلىق مۇھاجىرلار يۇرتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىلى تەۋەسىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ 70% تىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇپ، قالغانلىرى ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىرىنچى قەدەمدە چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقانلار ھەققىدە ئارخىپ توپلاش، ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمدە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ۋەتەننى تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ۋە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قايتىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئىلى دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان بۇ خەۋىرىدە چەتئەلگە قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاساس قىلغانلىقى ياكى مىللەت نىسبىتى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.