«جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» ناملىق كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.29

خىتاي مائارىپ خەۋەرلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا مەزكۇر ئوقۇشلۇقنى شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش ۋە تۈزۈم كاپالىتى قاتارلىق 4 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان.

دائىرىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشىنى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيە-تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بايقالماقتا. چۈنكى، تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر رايونى ئالىي مەكتەپلەردە ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى تونۇشتىن ئىبارەت «تۆتنى تونۇش» ئىدىيىسى ئوقۇتۇشىنى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىپ كىرگۈزگەن ئىدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت سۆزىدە ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماي تۇرۇپ، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئەكس تەسىر يارىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.