گۈلجەننەت، ئەگەر بىر ئايدىن بېرى تارتقان چىقىملىرى تۆلەپ بېرىلسە قايتىپ كېتىشكە ماقۇل بولغان ۋە تارتقان چىقىمى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ سودىلىشىش ئارقىلىق دائىرىلەر ئۇنىڭغا 7 مىڭ يۈەن بېرىشكە ماقۇل بولغان ۋە قولىغا 6 مىڭ يۈەن نەق پۇل تۇتقۇزغان.
دائىرىلەر گۆلجەننەتنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، تۈزۈلگەن ئاغزاكى كېلىشىمدىن يېنىپ، بېيجىڭدىكى چېغىدا بەرگەن 6 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گۆلجەننەت قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە دائىرىلەر ئۇنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ساقچىخانا ئۇنىڭغا 10 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە گۆلجەننەتنىڭ يولدىشى خالمۇرات رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۇلجەننەتنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ 2 كۈندىن كېيىن توشىدىغانلىقىنى ۋە قاماقتىن چىقىپلا يەنە بېيجىڭغا قاراپ يول ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.