ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن

ئۇيغۇر ئېلى ساقچى ۋە ھاۋا رايى دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا پەيشەنبە كۈنى تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ شىمالى ۋە غەربىي - شىمالىدىكى رايونلاردا قاتتىق بوران چىقىپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 6 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-17
Share

ئاقسۇدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى سائىتىگە 50 كىلومېتىر تېزلىكتىكى بوراننىڭ قاتناش ئىشلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 60 ياشلاردىكى بىر كىشىنى ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرەك بېسىۋېلىپ ئۆلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ۋەقە ئونسۇدا  يۈز بەرگەن. يەرلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى " بەزى جايلاردا بوراننىڭ سائەتلىك تېزلىكى 80 كىلومېتىرغا يەتكەنلىكى"نى، لېكىن ئاقسۇدا بوراننىڭ سۈرئىتى بىر ئاز پەسىيىپ، 50 كولومېتىرغا ئاستىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بوران ئاقسۇ ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە قاتناش ئىشلىرىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ، تاش يول ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاقسۇ ئايدۇرومى پەيشەنبە كۈنى تاقالغان بولۇپ، شىخۇئا ئاگېنتلىقى ئايدۇرۇمنىڭ جۈمە كۈنى قايتا ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يەرلىك مەتبۇئاتلار ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە 8 ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن 3 ئايالنىڭ بوران سەۋەبى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ھەر يىلى باھار پەسلىدە قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بوران 2007 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئايدا بىر پويىزنى ئۆرۈۋەتكەن، ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت