ئاقسۇدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى سائىتىگە 50 كىلومېتىر تېزلىكتىكى بوراننىڭ قاتناش ئىشلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 60 ياشلاردىكى بىر كىشىنى ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرەك بېسىۋېلىپ ئۆلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ۋەقە ئونسۇدا يۈز بەرگەن. يەرلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى " بەزى جايلاردا بوراننىڭ سائەتلىك تېزلىكى 80 كىلومېتىرغا يەتكەنلىكى"نى، لېكىن ئاقسۇدا بوراننىڭ سۈرئىتى بىر ئاز پەسىيىپ، 50 كولومېتىرغا ئاستىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بوران ئاقسۇ ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىدە قاتناش ئىشلىرىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ، تاش يول ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاقسۇ ئايدۇرومى پەيشەنبە كۈنى تاقالغان بولۇپ، شىخۇئا ئاگېنتلىقى ئايدۇرۇمنىڭ جۈمە كۈنى قايتا ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يەرلىك مەتبۇئاتلار ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە 8 ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن 3 ئايالنىڭ بوران سەۋەبى يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلى ھەر يىلى باھار پەسلىدە قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بوران 2007 - يىلى 2 - ئايدا بىر پويىزنى ئۆرۈۋەتكەن، ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.